|
شىنجاڭ ئىلىم پەن- ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى
ئىنىستىتۇتىمىز 1992-يىلى 7-ئايدا
قۇرۇلغاندىن بۇيان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى
ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئۆزىمىزدىكى يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئوقۇتۇش
سۈپىتى، ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيىسىدىكى يېڭى مائارىپ
ئىسلاھاتىغا ماس بولغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىمىزگە ئاساسەن
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ كەلدى. ئوقۇتۇش سۈپىتى
ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن ئىنىستىتۇتىمىزدا
ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى سانىمۇ يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، پۈتۈن
كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ تولۇق
كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ
سانى 8000دىن ئېشىپ ئىنىستىتۇتىمىز ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ
ئىمتىھان بېرىش ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلىدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ
داڭلىق مەكتەپ بولۇپ قالدى. ئىنىستىتۇتىمىز 1998-يىلى شىنجاڭ
ئۇنىۋېرسىتېتى تەربىيىلەش مەركىزىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى
تەربىيىلەش ئىنىستىتۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئاپتونوم رايونلۇق
خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2004-يىلى 12-ئاينىڭ
18-كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا مەكتەپ نامى شىنجاڭ ئىلىم-پەن
ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. شۇ چاغدىكى يوپۇق ئېچىش
مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت
ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يولداش ياڭگاڭ،
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومتىتىنىڭ مۇئاۋېن
مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى
يولداش ۋاڭ خۇەنيۇ قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى ۋە ئۆز قولى
بىلەن يوپۇق ئاچتى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنىستىتۇتىمىزنى
پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاسپىرانتلىققا، ئادۋوكاتلىققا،
ئېنژىنېرلىققا، دۆلەت مەمۇرىيلىقىغا ئۆتكەنلەر شۇنداقلا
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ
ئىنىستىتۇتىمىز ئۇنىۋېرسال ساپالىق، كەسىپلەشكەن، ئەمەلىي
ئىقتىدارغا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان مۇھىم
بازىغا ئايلانماقتا.
|